سەيشەنبە كۈنى تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى لۋ دالياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ماللىرىنىڭ ئومۇمىي ئىمپورت-ئېكىسپورت قىممىتى 2022-يىلى 42 تىرىليون 70 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ 2021-يىلدىكىدىن %7.7 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. ئېكسپورت %10.5، ئىمپورت %4.3 ئاشتى. ھازىرغىچە، جۇڭگو ئالتە يىلدىن بۇيان مال سودىسىدا ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ كەلدى.
بىرىنچى ۋە ئىككىنچى پەسىلدە، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 9 تىرىليون يۈەن ۋە 10 تىرىليون يۈەننى ئېشىپ كەتتى. ئۈچىنچى پەسىلدە، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 11 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇ پەسىللىك رېكورت ياراتقان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. تۆتىنچى پەسىلدە، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 11 تىرىليون يۈەن بولۇپ قالدى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى


